2025-يىلى 6-ئايدا دۆلەت باج باش ئىدارىسى «دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ ئىنتېرنېت تورى سۇپىسىدىكى كارخانىلارنىڭ سۇپىدا كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىدىغان خادىملار ئۈچۈن تۇتۇۋېلىپ تاپشۇرۇش
ئىلتىماسىنى بېجىرىش، ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە ئىشلارنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى سىياسىتى
، قوشۇلما قىممەت بېجى سىياسىتىنىڭ تەدبىقلىنىشىنى بەلگىلىدى.
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشچە، دۆلەتنىڭ باج سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، سۇپىسى 1-ئۆكتەبىر سائەت 0دىن باشلاپ، شەخسىي دىكتورلارنىڭ نەق پۇل ئېلىش، باج تۇتۇۋېلىش قائىدىسىنى تەڭشەپ، ئەمگەك كۈچى
ھەققىنى مۆلچەرلەپ تۇتۇپ قېلىش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ ھەمدە باج پۇلى تۇتۇۋېلىنىدىكەن، باج نىسبىتى ٪3-٪45كە يېتىدىكەن. ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن جامائەت بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ،
جامائەت ھەمكارلىقىدىن كېيىنكى پايدىنى مەمۇرىي گەۋدىگە ئۆزگەرتسەكمۇ بولىدۇ.
مەيلى دىكتور ئۇيۇشمىغا قاتناشسۇن ياكى كىرمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، نەق پۇل ئېلىشتا ئەمگەك ھەققىدىن باج ئېلىنىدۇ. ھەممە كىرىمگە باج تاپشۇرىدۇ ،باج تاپشۇرغاندىن كىيىن باج ئىسپاتىنى تەكشۈرۈش كىرەك .
ئۇيۇشما دىكتورلارغا ئېنىق قائىدە تەشۋىقات قىلىشى، دىكتورلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ باج تاپشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ھېسابات نومۇرىنى پېچەتلەش،
ئىشەنچسىزلىك خاتىرىسى ۋە باج جەرىمانە قويۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ھەمدە ئۈچىنچى تەرەپ شىركىتى، "قارا ۋاستىچى"نىڭ تۆۋەن باج يۈكى تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەسلىكىنى ئەسكەرتتى
Copyright © 2026. 备案号: | 本网站由 闪狐网络技术 支持